تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىش ھەققىدە قانۇن تەكلىپى سۇنۇلدى

مىللىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىيى پارتىيەسى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇقرالىق بېرىش ھەققىدە پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنغان.
ئەسكىشەھەر پارلامېنت ئەزاسى ئارسلان كابۇكجۇئوغلى تۈركىيە پارلامېنتىغا تۈركىيەدە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشى ھەققىدە قانۇن تەكلىپى سۇنغان. ئۇ تۈركىيەدە ئون مىڭ مۇھاجىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 50 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەكلىپكە ئاساسەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان-توشمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەيئەت قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە تەلەپكە ماس كېلىدىغانلارنىڭ ماتېرىياللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئەۋەتىلىپ، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش رەسمىيەتلىرىنى تاماملايدىكەن.
ئايدىن پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن ئادنان سەزگىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھۆكۈمەت ئاجىز ۋە قورقۇنچاق بايانلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچرىغان ۋەھشىيلىكىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىنكاسى ۋە پوزىتسىيەسىنى بالدۇرراق ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق