خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى فىرانسىيەدە ئەرز-شىكايەتكە دۇچ كەلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەدە تارقىتىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) فىرانسىيەدىمۇ ئەرز-شىكايەتكە دۇچ كەلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى 6-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بىلەن ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان مامۇتجان ئابدۇرېھىمغا ۋاكالىتەن خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تۆھمەتلىرى ھەققىدە فىرانسىيە ئۈن-سىن ئالىي كومىتېتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مامۇتجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى 2017-يىلى ئاۋسترالىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئۇنىڭ ئايالىنى جازا لاگېرغا سولىغان. مامۇتجان ئابدۇرېھىم خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تۆھمەت چاپلاپ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىدەك يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى، يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى قىزىنى يالغان زىيارەتكە مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان.
يەنە بىر دەۋاگەر گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلىق تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي ئۇنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئۇ خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ ئۇنى يالغان-ياۋىداقلارنى تارقاتتى دەپ خەۋەر قىلغانلىقى، ئەمما ھېچقاچان ئۇنى زىيارەت قىلىپ، رەددىيە بېرىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكى، بۇنىڭ ئاخبارات پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى مەزكۇر ئىككى دەۋاگەرگە ۋاكالىتەن فىرانسىيە ئۈن-سىن ئالىي كومىتېتىغا خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى نازارەت قىلىش ئورگىنى فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىغا ئەرز سۇنغان.
خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى بۇ يىل 2-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار رادىيو ۋە ئۈن-سىن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئەنگلىيە ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورگىنى تەرىپىدىن تارقىتىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان ئىدى. ئالدىنقى ئايدا خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى فىرانسىيەگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. بىراق فىرانسىيە ئۈن-سىن ئالىي كومىتېتى خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورىنىڭ فىرانسىيە سۈنئىي ھەمراھىنى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، بۇ دۆلەتتە تارقىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقتىمۇ 1986-يىلى ماقۇللانغان فىرانسىيە ئاخبارات قانۇنىدىكى تاراتقۇلارنىڭ تەرەپسىز بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، خىتاي تاراتقۇسىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق