قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلىدى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلىدى.
پائالىيەتنى قىرغىزىستاننىڭ جالالئابادتا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىتتىپاق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن. قىرغىزىستاندا يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي ۋىرۇسى كۆپ تارقىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، پائالىيەتكە كۆپ ئادەم يىغىلالمىغان. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شېھىت ۋە غازىلار ئۈچۈن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھالاكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىنغان.
1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى 1945-يىلى 8-ئاپرېل رەسمىي قۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 915 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق