تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ دەل ئەكسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر قىسىم كىنو ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى كىچىك بىر زالنىڭ سىنىپ قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى، بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئۆگىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىنىپتا تىقما-تىقما بولۇپ مەجبۇرىي دەرسكە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ سومكىلاردا يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا چىقىش ئۈچۈن رەتكە تىزىلىپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا ئېتىزدا پاختا تېرىپ چارچاپ كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي يېقىنقى كۈنلەردە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كەلگەن ئەيىبلەشلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنمىغانلىقىنى، پاختىلارنىڭ قولدا ئەمەس، بەلكى ماشىنىدا تېرىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىدى. لېكىن كۆپلەپ ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقنى قايتا-قايتا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1206 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق