خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۈچەيتتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 7-ئاپرېل يىللىق يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى 147 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى خۇلاسىلىگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشقان. نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ كۈچەيگەن. بولۇپمۇ خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان.
خىتاي ھەققىدىكى مەزمۇنلار مەزكۇر 500 بەتلىك دوكلاتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقان. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۆكتىچى دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنى سىستېمىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن.
دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن جازا ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئىسىملىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆپ قېتىم ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىچكى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدە، خىتاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نامايىش ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشلىرى، خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئاۋازىنى بوغقانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 560 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق