خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ «تەربىيەلەش»نى داۋاملاشتۇرماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان بىر سىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلە مۇھىتىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش كىيىندۈرۈلگەن 50-40 كە يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرى بىر قورۇغا ئېلىپ كىرىلگەن. بالىلار تەخمىنەن ئالتە-يەتتە ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ھەممىسى يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئېغىر يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈۋالغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 2017‏-يىلى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ھۆججىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بالىلار سانى كەم دېگەندە 500 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن ۋە بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ سەككىز ياش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئىسلامىي قىممەت قاراشلىرى، ئانا تىلى ۋە مىللىي ئېڭىنى يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1306 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق