تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە

يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىنلار كۆپلەپ تارقالدى.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى تۆت ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتايلارنىڭ مىللىي كىيىمىنى كىيىپ، خىتاي ناخشىسى ئېيتىش ئۈچۈن سەھنە ئارقىسىدا مەشىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا مەلۇم بىر مەكتەپ مەيدانىدا ئالتە-يەتتە ياشلار چامىسىدىكى 20 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ ئويۇن قويۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا خىتاي كىيىمى كىيدۈرۈلۈپ، خىتايغا ئوخشىتىپ گىرىم قىلدۇرۇلغان ئون ياشلار چامىسىدىكى ئوندەك ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئوخشاشلا سەھنىدە ئويۇن قويۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ جازا لاگېرى سىياسىتىگە ماس ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تارقىلىۋاتقان ئازغىنە سىنلىق ئىسپاتلار خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1480 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق