خىتاي تۇردىگۈل نۇرئەلى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى 27-مارت ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن» دەپ تونۇشتۇرۇلغان تۇردىگۈل نۇرئەلى ھەققىدە قىسقا خەۋەر تارقىتىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، جازا لاگېرغا سولاش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات بېرىشى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاينىڭ ساختا مەيدان، ساختا ئوبراز ياساپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش قىلمىشى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىككى كۈن بۇرۇن يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق ئۈچ مىنۇتلۇق سىنلىق خەۋەر تارقاتقان.
سىندا قەشقەرلىك تۇردىگۈل نۇرئەلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىر پەرزەنتى بارلىقىنى، كېيىن قەشقەردىكى مەلۇم لاگېردا ئاتالمىش «تەربىيەلەش»نى قوبۇل قىلغانلىقىنى، 2019-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەنە پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى، پەرزەنتىنىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنداقلا خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جازا لاگېرىدا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەمدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى، خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ سىنغا ئوخشاش يالغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1166 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق