ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى يېقىنقى يىللاردا خىتاي رېجىمىنىڭ قىزىللاشتۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەردى.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر سىندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ توي كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سەھنىدە تۇرغان بۇ ئىككى ياش توي مۇراسىمىدا كادىر ئايالنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن: «كوممۇنىستىك پارتىيەگە سادىق بولىمىز، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىمىز، ئىلىم-پەنگە چوقۇنۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرىمىز» دېگەندەك قەسەم بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
سىندىكى كوممۇنىست پارتىيەنىڭ بايرىقى ۋە خىتايچە خەتلەر بىلەن بېزەلگەن مەرىكە زالى تارىختىن بۇيان ئىسلامىي قائىدە-يوسۇن ۋە مىللىي ئەنئەنە بويىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر توي-مەرىكىلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان.
يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئۇسسۇل سىنىپى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىنىپتىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ چاڭچىلە ناخشىلىرىغا تەڭكەش قىلىپ، خىتايچە ئۇسسۇل ئويناشنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنىدە خىتايچە ئويۇن قويۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1151 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق