ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي رېجىمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ئوخشاش ۋاقىتتا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدىكى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى بەيازىت مەيدانىدا، ئەنقەرەدىكى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى يېشىل باغچا مېھمانخانىسىدا (Green Park Hotel) ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى پائالىيەت ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەت شېئىرى ئوقۇش بىلەن باشلانغان بولۇپ، بەيازىت مەيدانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىلدى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا سولانغان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتۈرگەن 2000 مىڭغا يېقىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «لاگېرلار تاقالسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلدى. ئىستانبۇلدىكى پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، سەككىز مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىجرا قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋاڭ يىنى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىشى تەلەپ قىلىندى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش، خىتايغا قارشى ئېمبارگو ۋە جازا يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.
ئەنقەرەدىكى پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى نۆۋەت بويىچە سۆز قىلدى.
ئۇلار سۆزلىرىدە بىردەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېر تەسىس قىلىپ، سەككىز مىليون ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلغانلىقى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، بالىلار لاگېرىغا سولاپ، خىتايلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىغانلىقى قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا جازا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ تېخىچە كۈچلۈك ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانخور ۋاڭ يىنى جازا لاگېرلارنى تاقاشقا، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ: «چەت ئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان ئېچىنىشلىق بىر پەيتتە، بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. شۇڭا مەن ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايغا قارشى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق قارشىلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە شۇنچە مۇستەھكەم پاكىتلار تۇرسىمۇ، بىراق خىتاي پاكىت ئالدىدا جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان بولدى. ئەمدى خىتاي بۇ قىلمىشلىرىدىن داۋاملىق تانالمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىس ۋەكىلى ئەيسا ساۋۇت سۆز قىلىپ: «نامايىش بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما بىز خىتايغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بىرلىشەلىسەك، بىزنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىپ، خىتاي قىلىپ تەربىيەلىمەكتە. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈركىيەنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا تەتقىقاتچى، پائالىيەتچى قەمەر ئارتىش خانىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان يوشۇرۇن تەھدىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي خەلقئارادا جاسۇسلۇق، تېخنىكا ئوغرىلاش، ئالدامچىلىق ۋە باشقا ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈرمەكتە. خىتاي تۈركلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۈركىيە ئىچىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزىنى كۈچەيتمەكتە. غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىگە قارشى ھەرىكەت باشلىغان مۇھىم بىر پەيتتە، تۈركىيە بۇنى ھېس قىلالمىدى. مەن تۈركىيەنى غەرب ئەللىرى بىلەن بىر سەپتە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. بارلىق ئۇيغۇر خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن، زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقماسلىقى كېرەك. چۈنكى خىتاي بىزنى ھەر ۋاقىت قىرغىن قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئاخىردا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى

مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بۈگۈن ھەرخىل تىللاردىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن سىرت، نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ۋە ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلار: ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان مېدىيا-تەشۋىقات جەمئىيىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، فىنلاندىيە ئۇيغۇر كۈلتۈر جەمئىيىتى، ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرفان ۋەقفى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى.

بۇ خەۋەر 1536 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2021 19:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق