تۈركىيەدە «ئۈمىد مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

يېقىندا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى بىرلىكتە، تۈركىيەدىكى تالانتلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نى يولغا قويدى.
پىروگراممىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا تۈركىيە مائارىپىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان 8-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىدا (LGS) يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، «ئۈمىد مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا ئەڭ يۇقىرى نەتىجە ئالغان بەش ئوقۇغۇچى ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنۈپ مۇكاپاتلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 35 مىڭ لىرا قىممىتىدە ئىكەن. «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى بولسا يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق