نامايىش چاقىرىقى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى ئىستانبۇلدا ئومۇميۈزلۈك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامايىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا چاقىرىمىز. پائالىيەت جەريانىدا ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇلاردىن سىرت، ئەنقەرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا پەقەت تەكلىپ قىلىنغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تاراتقۇ ئورگانلىرى قاتنىشىدۇ.
نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىستانبۇلدىكى نامايىش ئورنى: بەيازىت مەيدانى
ۋاقتى: 25-مارت (پەيشەنبە)، سائەت 10:00

بۇ خەۋەر 1209 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق