ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

8-مارت خەلقئارالىق ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن قىز-ئاياللارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، 3000گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «خىتاي، لاگېرلارنى تاقا!»، «ئاتا-ئانىمىز قەيەردە؟»، «فاشىست خىتاي، تېررورچى خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «مۇسۇلمان ئاياللارغا ئىگە چىق!»، «زۇلۇمدا قالغان ئاياللار بۇ يەردە، ئاياللار ھوقۇقى قەيەردە؟» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارشى باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى خىتايغا خەلقئارالىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

يىغىلىشقا تۈركىيەدىكى ھىجاب سەپەرۋەرلىك مۇنبىرى، ئى ھ ھ ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن سىرت، ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم، ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم، ھۆر دەۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئاقتاش خانىم، رەفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى شۈكران ئاراس قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە بۆلۈنمەسلىكىكە، تېخىمۇ قاتتىق بىرلىشىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

بۇ خەۋەر 1274 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2021 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق