شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاشماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا مىليونلىغان خەلقىمىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلسا، يەنە سانسىزلىغان خەلقىمىزنى ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن باستۇرۇپ كەلمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەر-ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يەر چېپىش، ئورمان بەرپا قىلىش، ئۆستەڭ چېپىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەك ئىشلىرىغا سېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى كىشىلەرنىڭ سۇلغۇن چىراي ئىپادىلىرىدىن مەجبۇرى ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلغان دەۋردە پۈتۈن ئىشلار ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈپتىن يوق قىلىش، روھى جەھەتتىن ئېزىش مەقسىتىدە ھەر تۈرلۈك مەجبۇرى ئەمگەكلەرگە سېلىپ، قەستەن قىيناپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1193 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق