30 نەچچە ئالىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئونىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30 دىن ئارتۇق ئالىم مەكتۇپ ئىمزالاپ خەلقئارا جەمئىيەتنى يېڭى ئورگان قۇرۇپ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپ پەيشەنبە كۈنى «ۋال كوچىسى گېزىتى» ۋە فرانسىيە «خەلقئارا گېزىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىرلەشمە مەكتۇپتا، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش نۆۋەتتىكى يۇقۇمغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىكى يۇقۇمنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپقا، كىلىنتون ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان جەمى مېتزل (Jamie Metzl)ئىمزا قويغان بولۇپ، ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننىڭ سابىق ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشمە مەكتۇپقا فرانسىيە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋىرۇسشۇناسلىرى برۇنو كانارد ( Bruno Canard ) ۋە ئېتىئېن دېكرولى( Etienne Decroly ) ھەمدە فرانسىيەنىڭ ئىككى ئىرسىيەتشۇناسى ژان-مىشېل كلاۋىرى ( Jean-Michel Claverie ) ۋە ( Virginie Courtier ) ۋىرجىن كورتىير ئىمزا قويغان.

ئوچۇق خەتتە ئالدى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خىتاي بىرلىكتە قۇرغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلما چەكلىمىسى چۈشەندۈرۈلگەن. ئاندىن ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەر كۆرسىتىلگەن.
30 دىن ئارتۇق ئالىم ئوچۇق خېتىدە يەنە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خىتاي بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تەيىنلەنمىگەنلىكى، ئۇلاردا تەلەپ قىلىنغان بارلىق ماھارەتلەرنىڭ يوقلىقى، ئەڭ مۇھىمى مۇستەقىللىق يوقلىقى ۋە ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئوچۇق خەتتە دېيىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن خىتاي بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېرىمى خىتاي پۇقرالىرىدىن تەركىب تاپقان. نەتىجىدە بىرلەشمە گۇرۇپپىنىڭ خۇلاسىسى خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا ئېلان قىلىشنى تاللاپ بەرگەن ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان.

ئوچۇق خەتنىڭ ئاخىردا، كېيىنكى تەكشۈرۈشنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆپ تەرەپلىمىلىك گۇرۇپپا ئۈستىگە ئېلىشى، بىرىنچى تۈركۈمدىكى گۇمانلىق بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن مەخپىي سۆھبەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 747 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق