بۇ يىللىق «نيۇرېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلدى

«جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق « نيۇرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق جازا لاگېرى شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «نيۇرنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش كومىتېتى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سايراگۈل سائۇتباينى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن. كومىتېت ئەزالىرى بىردەك ئاۋاز بېرىپ، سايراگۈل سائۇتباينىڭ جاسارەت بىلەن خىتاي ئالدىدا تىك تۇرغانلىقى، «ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى» ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سايراگۈل سائۇتباي ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەسىس قىلغان «جەسۇر ئاياللار» مۇپاكاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر جازا لاگېرىدا مەجبۇرىي لاگېر ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇ ئىككى يىل ئىلگرى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلىگەن، بىراق قازاقىستان ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىغان. 2019-يىل شىۋېتسىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشىپ، ئائىلىسى بىلەن شىۋېتسىيەگە بارغان. شىۋىتىسىيەگە بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ جازا لاگېردىكى جىنايەتلىرى ۋە باسقۇنچىلىق قاتارلىق خورلاش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇكاپات گىرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە سودا مەنپەئەت سەۋەبلىك سۈكۈتنى تاللىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلگەن.
سايراگۈل سائۇتباي بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «مېنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈشى ياۋرۇپادىكى ئادالەتپەرۋەر ئەللەرنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 18:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق