مۇستافا دەستىجى تەيۋەن ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

4 – مارت كۈنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى پارتىيىسىنىڭ مەركىزىدە تەيۋەننىڭ تۈركىيە تەمسىلچىسى 鄭泰祥 جېڭ تەي شىياڭنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە – تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى ۋ خىتاي كوممۇنسىت رېجىمىنىڭ باشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىگە قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە ئىككى رەھبەرنىڭ ئوتتۇرىدىكى شىرە ئۈستىدىكى تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يولتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

دەستىجى تېخى بىر كۈن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ نوپۇسى، ئەسكىرى بىزدىن كۆپ، ئىقتىسادى بىزدىن كۈچلۈك، قوراللىرى بىزدىن كۆپ ۋە بىزگە بەك يىراق دەپ ئىرقداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچلىققا سۈكۈت قىلامدۇق؟ ئەلۋەتتە ياق!.
#ھەممەيلەن سۈكۈت قىلسىمۇ، بىز سۈكۈت قىلمايمىز!
بىز نېمىشقا قورققۇدەكمىز؟ قاراپ باقايلى تەيۋەندىن ئىبارەت خىتاينىڭ بۇرنىنىڭ تۈۋىدە بولغان بىر ئارال بار، نوپۇسى قانچىلىك؟ 23 مىليون. خىتاينىڭ نوپۇسىچۇ؟ بىر يېرىم مىليارد. ئەمما تەيۋەن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، خىتايغا قارشى قوراللىنىۋاتىدۇ... خىتاي بىر يېرىم مىليارد ئەمەس، ئون مىليارد بولسىمۇ، سۈكۈت قىلمايمىز. شەرقىي تۈركىستان بىزگە 5000 كىلومېتر ئەمەس، 15000 مىڭ كىلومېتىر بولسىمۇ سۈكۈت قىلمايمىز! قاچانغىچە دېگەندە، تاكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغال ئاخىرلاشقۇچە... دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى.

 

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق