ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتى ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇتا ئىشتاتلىق ئاۋام پالاتاسى 2-مارت قارار ماقۇللاپ ئىشتاتتىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت تېخىچە تاقىمىغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇتا ئىشتاتى ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، بۇ ئىشتاتتىكى خىتاي مەبلەغ سالغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. كۇڭزى ئىنستىتۇتى خىتاي كومپارتىيەسىگە ياردەملىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالماقتا.
ئىشتاتلىق ئاۋام پالاتا ماقۇللىغان قاراردا، يۇتا ئىشتاتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى داۋاملىق باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جەنۇبىي يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى «Tribune» دا بەرگەن باياناتىدا، مەكتەپنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقاشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ قارار ماقۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنى تاقاش تەخمىنەن ئالتە ئاي ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق