كېلەچەك پارتىيەسى «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردى

4 – مارت كۈنى كېلەچەك پارتىيەسى ئاياللار بۆلۈمى ئەنقەرە باش مەركىزىدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.
ھەيئەت شەرقىي ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى دوكتورانت نۇرىددىن ئىزباسار، ئەلى لېتىپ ئوغلى، خۇمارگۈل ياقۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىن مەدىنە مۇھەممەد، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى كونيا شۆبە رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.
يىغىنغا يەنە د ئۇ ق ۋەكىللىرىدىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئەت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ گۇۋاھلىق بەردى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش، ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىيىن – قىستاققا ئېلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشىلىرىنى تونۇشتۇردى.
يىغىندا كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە: «بىز 8-مارت كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۇنيادا ئەڭ ئۇنتۇلغان ئاياللار ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىشنى پىلانلاپ، ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىنى تاللاپ چىقتۇق. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر، ئەسىرىمىزدە ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىز ھەرگىز بۇ تىراگېدىيەگە قارشى سۈكۈت قىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالمايمىز»
ئۇ سۆزىدە يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىپ: «مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىمەسلىككە چاقىرىمەن. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بارلىق پارتىيەلەر ئىمزالىغان بىر بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر قىلغان يەردە تۈركىيەنىڭ قىلالماسلىقى نومۇس قىلارلىق بىر ئىش. تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى.
بۈگۈن مانا مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ تۈركىيەدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلار نە مىللەت، نا تارىخ، نە ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بېرەلمەيدۇ. ب م ت نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 18-49 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە پىلانلىق تۇغۇت نامىدا تۇغماس قىلىۋېتىش جىنايىتىنىڭ قۇربانى بولغان، بەزى رايونلاردا تۇغماسلىق نىسبىتى % 80 كە يەتكەن.
شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىلەرگە خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «مەھرەم» ئۇقۇمى بۇزۇپ تاشلاندى، ئۆيلەردە چوشقا گۆشى ۋە ھاراق بولۇشى تەلەپ قىلىندى.
بۇ مەدەنىيەتسىزلىك سىياسىتىدۇر.
ئالدى بىلەن ھەر پۇرسەتتە «دۇنيا 5 تىن چوڭ» دەپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان پرىزدېنت ئەردوغان باشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلارغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن: تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى قىسىپ قويماسلىقىڭلار كېرەك.
ئۇ سۆزىنى: «ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوق قىلماقچى بولغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى: سىلەر نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، كاشىغەرلى مەھمۇتنىڭ دىۋانۇ لۇغەتتىكى تۈركچىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆچۈرەلمەيسىلەر» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ خەۋەر 763 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2021 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق