شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كېچە-كۈندۈز كوممۇنىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلمەكتە

يېقىندا كۈندە دېگۈدەك ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن خەلقنى كېچە كۈندۈز قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۈگۈنكى سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر كوچىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى ۋە كوچا دوقمۇشىدىكى بىنادا ئۇيغۇرلارنىڭ خور شەكلىدە قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقان ئاۋازى ھەمبەھىرلەنگەن. ھەتتا ھەمبەھىرلەنگەن سىننىڭ ئېنىقلىما قىسمىغا «ئۇيغۇرلار قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ» دەپ ئېنىق يېزىلغان.
يەنە بىر سىندا مەلۇم بىر يىغىن زالىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئېلىكترۇنلۇق دوسكىدىكى قىزىل ناخشا تېكىستىنى ئوپچە ئوقۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بىر ئەرنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قولىدىكى قىزىل ناخشا يېزىلغان تېكىستنى قايتا-قايتا ئوقۇپ يادلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قوللانغان ئاساسلىق مېڭە يۇيۇش جىنايىتى بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ رەزىل سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2021 23:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق