ئىيى پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئىيى پارتىيەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەكلىپ بەردى.
ئىيى پارتىيەسى مەجلىس گۇرۇپپىسى رەئىسى ئىسمائىل تاتلىئوغلۇ، مۇئاۋىن رەئىس لۈتفۈ تۈرككان ۋە ئىزمىر مىللەت ۋەكىلى مۇساۋات دەرۋىشوغلۇ ئىمزالىغان تەكلىپتە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئورتاق بىر قارار بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قۇبۇل قىلىنىپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىش تەلىپى » دەپ يېزىلغان.
تەكلىپتە يەنە «شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇرتداش ۋە دىنداشلىرىمىزنىڭ ياشىغانلىرى ھەققىدە دۇنيا جامائىتىدىن دۆلەت، ھۆكۈمەت، ۋە پارلامېنتلار شەكلىدە ئارقا ئارقىدىن سادالار كېلىۋاتقان بىر پەيىتتە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ ئەسلا قوبۇل قىلىغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى» تەكىتلەندى.
نۆۋەتتە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىيى پارتىيەنىڭ تەكلىپىگە مەجلىس رەئىسى ۋە باشقا پارتىيەدىن قانداق جاۋاب كېلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 823 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2021 23:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق