«مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى تەرتىپلىك داۋاملاشماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز: تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان مىللەت نۆۋىتى نامايىشىغا بۈگۈن (4-مارت) يەنە 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. قوللىرىدا ئاتا- ئانىلىرىنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «خىتاي، لاگېرلارنى تاقا!»، « ئاتا-ئانىمىز قەيەردە؟»، «فاشىست خىتاي، تېررورچى خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
بۈگۈن نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكىلماكان سۆز قىلىپ، «خىتاي بەش يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاتا- ئانىلىرى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي شەرقي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ. بىز قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋزى بولۇشقا تېرىشىۋاتىمىز. مەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
بۈگۈن نامايىشقا يەنە تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم سىيەر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ ئىشتراك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاتا-ئانا ھەمدە تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىدى، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاتا-ئانا ھەمدە تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان بولساق بىزنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىمىز قالىدۇ؟ شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق بارغانچە ئېغىرلاشتى، شەرقىي تۈركىستان ئەندەلۇس بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توخىتىماي ئاڭلىتىشى تولىمۇ مۇھىم، ئاللاھ خالىسا، ھامان بىر كۈنى خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارشى قوزغىلىدۇ، ئويغىنىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرلىرىمىز بۈگۈنمۇ نامايىش جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى ھەمدە نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلدى.

نامايىشتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىنسانلىق نەسىبىسىدىن مەھرۇم بولغان، ئۆزىدىن ھەمدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقىنى تونۇمايدىغان خىتايدىن ئىبارەت تېررورچى رېجىمنىڭ ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسىتىدە قىرغىن قىلىنماقتا، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىزىل كوممونىست بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ئۈچ ئايغا يېقىنلاشقان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاۋاز چىقىرىش ھەققىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتتى.
نۆۋەتتە «مىللەت نۆۋىتى»نامايىشى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا داۋاملاشماقتا.

نامايىشتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ئسىلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا چاقىرىپ: «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق بىر ئىنسان بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بەش يىلدىن بىرى ئاتا-ئانىسى ھەمدە تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمدى. ئائىلە كىشىلىرىمىزگە نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئسىلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالارنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈتقان سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىش ئۆلىمالارغا ياراشمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2021 23:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق