600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا «يەر شارى پوچتا گېزىتى» ئېرىشكەن ھۆججەتلەر خىتاينىڭ 600 مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەتقىقاتچىلار خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا توردا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقاتقان بىر پارچە دوكلاتنى بايقىغان. مەزكۇر دوكلات ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دوكلاتى» تېمىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتنى نەنگۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىقتىسادى بايلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يازغان.

تەتقىقات دوكلاتىدا، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى «مائارىپ ۋە چەكلەشنى ئاساس قىلىش» سىياسىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، كەڭ كۆلەملىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتايغا قوشۇۋېتىش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىشنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى. شۇڭلاشقا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاينىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ۋە چۈشەنچىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ئۆزگەرتىلسۇن» دېيىلگەن.
بۇ ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ سىياسىتىنى تاشقى كۆرۈنۈش ۋە تەشۋىقاتلرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى ۋە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق خىتاينى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىكەن.

شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان خىتاي تەتقىقاتچى ئاشكارىلاپ، «پىلان بويىچە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلدى» دېگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە يۈز مىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچ يىلغىچە توختام بىلەن خىتايغا سۈرگۈن قىلىنغان ئەمما ئۇلار پەقەت يىلدا بىر قېتىم يۇرتىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر نەنكەي دوكلاتى خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن توردا تارقىتىلغان بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. كېيىن دوكلات تور بەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

بۇ خەۋەر 1105 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2021 23:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق