ئاۋسترالىيە رازىۋېدكا ئايروپىلانى خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىردى

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىپ خىتاينى غەزەپلەندۈردى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2-مارت ئەتتىگەن ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ P-8A تىپلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادىكى كادېنا بازىسىدىن ئۇچۇپ، شەرقىي خىتاي دېڭىزى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن. كورىيە تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ بۇ سەۋەبتىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىنكاس ئارقىلىق قانداق ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى شەرقىي خىتاي دېڭىزى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) غا كىرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، P-8A دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى يۇقىرى ئىقتىدارلىق رادار سەپلەنگەن رازۋېدكا ئايروپىلانى بولۇپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىز قوغلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. ئامېرىكا چارلاش ئايروپىلانى دائىم خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ھاۋا پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرىپ-چىقىدىكەن، ئەمما ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ 60،000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىكەن، ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە ئۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىشكە 200 مىليارد دوللار مۇداپىئە خىراجىتى ئاجرىتىشنى پىلانلىغان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان رايون خاراكتېرلىك خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 672 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2021 23:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق