ئىسھاق سالام: ئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك

ھۆر دەۋا پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسھاق سالام ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىسھاق سالام قىلغان باياناتىدا: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ۋە ئائىلە قۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۈگۈنگە كەلگۈچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتى سەۋەبىدىن خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
كانادا ۋە گوللاندىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن سالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىل كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ۋە ئاسمىلاتسىيە لاگېرلىرىدا قىينالغان ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى كۆپ قېتىم ھۆججەتكە ئېلىندى ۋە ئاشكارىلاندى. ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاينىڭ زۇلۇمىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى ھەقىقەتەن ساۋاق ئېلىشقا تېگىشلىك.
بۈگۈنگىچە ئىقتىسادى، سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئەمدى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ياشايدىغان كىشىلەر ئېتىقادى سەۋەبىدىن كەمسىتىش، زىيانكەشلىك ۋە قىيناشلارغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك، رەھىمسىز ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئەيىبلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 20:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق