BBC خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى ئىسپاتلاپ چىقتى

ئالما تىز خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىجرائاتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلمىشى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
تەكشۈرۈشتە ئاشكارىلانغان مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ئاشكارىلىغان دوكلاتلارغا ئاساسەن خىتاي ئىچىدىكى زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا غەربنىڭ خەلقئارالىق ماركىلىرىنىڭ خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەن BBC نىڭ بايقىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خىتاي سىياسىتىنىڭ مەجبۇرلاش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاسمىلاتسىيە قىلىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تالاش-تارتىش قوزغىغان سىياسەتلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە مەجبۇرىي يۆتكىگەنلىكى بولۇپ، BBC 2017-يىل خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان بىر سىننى قولغا چۈشۈرگەن. سىندا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنى 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەنخۇي ئۆلكىسىگە يۆتكەش ئۈچۈن بېكەت قۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىككى كۈن ئىچىدە مەزكۇر يېزىدا ھېچكىم ئەنخۇيگە بېرىشنى خالىمىغان. ئاخىرى يېزا ئەمەلدارلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ 19 ياشلىق بىر قىزنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىسىدە ئىشلەشكە قايىل قىلىشقا تىرىشقان. گەرچە ئۇ نۇرغۇن قېتىم رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى بېسىم ئاستىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «ئەگەر باشقىلار بارسا، مەنمۇ باراي» دېگەن.

(Sheffield Hallam University) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە زامانىۋى قۇللۇق كەسپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پىروفېسسورى لاۋرا مرۇفى Laura Mruphy بۇ ھەقتە: «خىتاي دائىم ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى داۋاملىق سۆزلەيدۇ، ئەمما بۇ سىن ئېنىقلا قارشىلىق قىلىشقا بولمايدىغان مەجبۇرلاش سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ سىن يەنە خىتاينىڭ ئاخىرقى مۇددىئاسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ بولسا خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاشقا باشلىغانلىقىنى، نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش، تىل ، مەدەنىيەت ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسىنى بىتچىت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
ئۇندىن باشقاBBC يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا توردا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقاتقان بىر پارچە دوكلاتنى بايقىغان. مەزكۇر دوكلات ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دوكلاتى» تېمىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتنى نەنگۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىقتىسادى بايلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يازغان.
تەتقىقات دوكلاتىدا، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى «مائارىپ ۋە چەكلەشنى ئاساس قىلىش» سىياسىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، كەڭ كۆلەملىك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتايغا قوشۇۋېتىش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىشنىڭ مۇھىم بىر ئۇسۇلى. شۇڭلاشقا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاينىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ۋە چۈشەنچىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ئۆزگەرتىلسۇن» دېيىلگەن .
كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مەزكۇر دوكلات يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ۋە سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يازغان مىسلى كۆرۈلمىگەن نوپۇزلۇق دوكلات بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭدا ئېشىنچا نوپۇسنى يۆتكەش ھەمدە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورۇندىكى زىچلىقىنى ئازايتىشنى پىلانلىغان» دېگەن.
ئادرىئان زېنز يەنە، ئامېرىكىنىڭ سابىق جازا لاگېرىنى خاتىرىلەش مۇتەخەسسىسىنىڭ قانۇنىي پىكىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ كۈچلۈك ئاساسى» دېگەن.

 

بۇ خەۋەر 1365 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق