تۈركىيە 2020-يىلى دۇنيادا ئىقتىسادى يۈكسەلگەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى

تۈركىيە 2020-يىلى دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئېغىر كىرىزىس يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىقتىسادى يۈكسەلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

2020-يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرگەن بولسىمۇ خىتاي ئىقتىسادى %2.3 ئېشىپ، ئىقتىسادى يۈكسەلگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرغان.

 خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) 2020-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى تەخمىنەن 1،9% ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئەمما خىتاي ئىقتىسادى يىل ئاخىرىدا يەنىلا ئىقتىسادىنى %2.3 ئاشۇرۇپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان. خىتاينىڭ 2020-يىلىدىكى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 15.68 تىرىليون دوللار بولغان. شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى يىل 1974-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا يىلى بولغان.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى تەيۋەن خىتايدىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى يۈكسەلگەن 2-دۆلەت بولغان. تۈركىيە ئىقتىسادى بولسا 2020-يىلى %1.8 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى يۈكسەلگەن 3-دۆلەت بولغان.

2020-يىلى تۈركىيەنىڭ 2-ۋە 3-پەسىللىك ئىقتىسادى پەرەز قىلغاندىنمۇ ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن. ئەمما 4-پەسىللىك ئىقتىسادى 2019-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %5.8 ئاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىشى %1.8 بولغان.

يەنە بىر جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ 2020-يىللىق ئىقتىسادى كىشى بېشىغا 60 مىڭ 537 لىرا (8599 دوللار)دىن توغرا كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تۈركىيەنىڭ دۆلەت كىرىمى كىشى بېشىغا 610 ئامېرىكا دوللىرى ئازايغان.

تۈركىيەنىڭ 2020-يىلىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى %10.39 ئېشىپ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا %1.98لىك ھەسسە قوشقان. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەرەققىيات %0.21لىك ھەسسە قوشقان. بانكىلار ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ ئېشىشى %0.34 بولغان. ئۇچۇر ۋە ئالاقە ساھەسىدىكى ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولغان. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، پۇقرالارنىڭ ئىستېمالى %3.2 ئاشقان.

تەرەققىياتى تۆۋەنلىگەن تۈرلەردىن قۇرۇلۇش سانائىتى %3.54 تۆۋەنلەپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %0.76 چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇلازىمەت كەسپىدە %4.34 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. دۆلەت ئېكسپورتىدا %1.9 چۈشۈش كۆرۈلگەن.

تۈركىيەنىڭ 2020-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، سانائىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ئومۇمىي تەرەققىياتىنى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھېسابلاپ چىققاندا، 2020-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى %1.8 بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرغان.

بۇ خەۋەر 30852 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2021 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق