بايدېن ھۆكۈمىتى: مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى دۈشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ نامۇۋاپىق سودا قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىلىق ئىشچىلار ۋە سودا-سانائەتچىلەرگە داۋاملىق زىيان سالىدىغان بىر قاتار تەڭسىز سودا قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش، مەجبۇرىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بەرگۈزۈش ۋە سانائەت تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە: «ئامېرىكىلىقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ماگىزىنلاردا مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئىشچىلار سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ھاكىمىيەت بىلەن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق زىيان تارتماسلىقى كېرەك» دېيىلگەن.
بايدېننىڭ سودا ۋەكىلى كەسېرىن تەي(Katherine Tai)ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا، بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى ھەققىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەندىشىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق