مۇخبىرلار جەمئىيىتى: خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە ناچارلاشتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى 1-مارت دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى تەقىب قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى (FCCC) نىڭ يىللىق دوكلاتىدا 150 چەت ئەللىك مۇخبىرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىنكاسلار ئاساس قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇلتۇر نازارەت سىستېمىسى قاتارلىق ھەر خىل مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغان چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى خىزمەتداشلىرىغا ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تەھدىت سالغان ۋە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرى ماتىياسنىڭ گېرمانىيە ئاۋازىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش قىلمىشى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، باشقىلارنى زىيارەت قىلىش بارغانسېرى قىيىنلاشقان، پىلانلانغان سۆھبەتلەرنىمۇ قىلالمىغان. كىشىلەر بارغانچە ئېھتىياتچان بولۇپ قالغان بولۇپ، سىياسىي تېمىلاردا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار دائىم خىتاي تەرىپىدىن چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى چەت ئەل مۇخبىرلىرى پەقەت شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارنى زىيارەت قىلغاندىلا، ئۇلارغا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئەگىشىدىكەن. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ خاڭجۇغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئەگىشىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كارانتىن قىلىش بەلگىلىمىسى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىلىرى خالىغانچە يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھالەت شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، چەت ئەللىك مۇخبىرلار ھازىر خىتايدىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتتە بولۇپ، خىتايدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا كىرىشى تەس ئىكەن. ئائىلىسى ياۋروپا ياكى باشقا جايلاردا بولغان مۇخبىرلارغا نىسبەتەن بۇ ئەھۋاللار چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ يىلدىن بېرى ھېچقانداق چەت ئەللىك مۇخبىر خىزمەت شارائىتى ياخشىلىنىدۇ، دەپ قارىمىغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە مۇخبىرلارنىڭ ۋىزىسىغا چەكلىمە قويۇپ بېسىم ئىشلەتكەن بولۇپ، پەقەت 13 مۇخبىرلا مۇددىتى ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولغان مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ئالالىغان. ئىلگىرى بولسا خىتايدىكى چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىر يىل كۈچكە ئىگە ۋىزا ئالالايدىكەن.
خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋال كوچىسى گېزىتى ۋە ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 18 مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى. 

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق