خىتاي گۇۋاھچى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نومۇسسىزلارچە ھۇجۇم قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا نومۇسسىزلارچە ھۇجۇمنى كۈچەيتمەكتە .
خىتاي دائىرىلىرى ۋە تاراتقۇلىرى جازا لاگېرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان گۇۋاھچىلارنى پۈتۈنلەي يالغانچىغا چىقىرىپ , ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «خىتايغا قارشى كۈچلەر» تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى جار سالغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى گۇۋاھچى ئاياللارنىڭ شەخسىي داۋالاش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن سىرت , يەنە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ باشقىلار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋىتى بارلىقىنى, يەنە بىرىنىڭ جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتىپ, نومۇسسىزلارچە تۆھمەت چاپلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق گۇۋاھچى ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ , خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى ئاياللار ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ: «بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر ھەقىقەتنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھەر خىل يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇۋاتىدۇ. .
. ئالىي تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تىۋىتتېر ھېسابىدا رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «رويتېر ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ شەخسكە ھۇجۇم قىلىش ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق, گۇۋاھچى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دەپ, خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 980 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق