خىتاي خاككېرلىرى ھىندىستاننىڭ ئىككى ۋاكسىنا شىركىتىگە ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قوللىشىدىكى بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھىندىستاندىكى ئىككى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇننىڭ تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
باش ئىشتابى سىنگاپور ۋە توكيوغا جايلاشقان سايفىرما (Cyfirma) شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «APT10» دەپ ئاتىلىدىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى ھىندىستاننىڭ ئىككى چوڭ ۋاكسىنا شىركىتىنىڭ IT ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى يۇمشاق دېتالىدىكى يوچۇقلارغا ھۇجۇم قىلغان.

شىركەت مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش ۋە ھىندىستان دورا شىركەتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئىكەن. ئەمما خاككېرلارنىڭ ھىندىستان شىركەتلىرىدىن ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. ھىندىستاننىڭ مەزكۇر ئىككى شىركىتىمۇ بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى ۋاكسىنىلارنىڭ %60ى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا سېتىپ ياكى ئىئانە قىلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق