شەرقىي تۈركىستاندا چوشقا باقمىچىلىقى كىڭەيتىلمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىنلار تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا چوشقا باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ، لوپنۇر قاتارلىق ھەر تەرىپىدە سېلىنغان چوشقا بېقىش مەيدانلىرى، چوشقا قوتانلىرى ۋە بۇ يەردە ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن تەييار قىلىنغان ياتاقلار كۆرسىتىلگەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ھەر تۈرلۈك مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى باقمىچىلارنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا مەبلەغ سېلىپ چوشقا باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىشكە قىزىقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ باقمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا. ھەتتا 2019-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، خىتاي يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقى، قاتناش مىنىستىرلىقى، بانكا ۋە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا چوشقا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە 17 سىياسەت ۋە تەدبىر چىقارغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2021 19:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق