شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى

بۈگۈن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى , سابىق ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى جۈلىدە سارىئەرئوغلى خانىمنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى .
ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى, شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ , جۈلىدە سارىئەرئوغلى خانىمغا كۈنتەرتىپىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى يەتكۈزدى .

ۋەكىللەر زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش, ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىنى, شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. .

ئاخىردا ھەيئەت جۈلىدە سارىئەرئوغلى خانىمغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان دوكلات ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرى يېزىلغان بىر پارچە ھۆججەت تاپشۇرۇپ, پىرېزىدېنت ئەردوغانغا يەتكۈزۈشكە ھاۋالە قىلدى.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئارقىدىن ۋەكىللەر ھەيئىتى يەنە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە زىيارەتتە بولۇپ، مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋەكىللەر سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 1023 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق