چاقماق خەۋەر

لىتۋانىيە خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئايرۇدروم سىكانېرلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ئايرۇدروم يۈك-تاقلىرىنى سىكانېرلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ توڭفاڭ ۋېيشى تېخنىكا شىركىتىنىڭ گوللاندىيە تارمىقى ئىشلەپچىقارغان يۈك-تاق سىكانېرلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان يۈك-تاق ۋە يولۇچىلارنى سىكانېرلاش سىستېمىسى ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پورت، چېگرا تاموژنىسى ۋە ئايرۇدروملاردىكى مۇقىم ئۈسكۈنىلەرگە ئايلانغان.
لىتۋانىيە باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ھۆكۈمەت ئاچقان يېپىق يىغىندىن كېيىن: «ھۆكۈمەت خىتاي شىركىتى بىلەن تۈزگەن بۇ توختامنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارار قىلدى» دېدى.
لىتۋانىيە قانۇنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت ئايرۇدروم ۋە پورت باشقۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك شىركەتلەر ئىمزالايدىغان توختامنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق دەپ قارىسا، توختامنى چەكلەش ھوقۇقى بار. ئامېرىكىنىڭ لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روبېرت گىلچرىست (Robert Gilchrist )ئىلگىرى لىتۋانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ توڭفاڭ ۋېيشى تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن لىتۋانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قوللانغانلىقىنى ۋە لىتۋانىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن» دېگەنىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، توڭفاڭ ۋېيشى تېخنىكا شىركىتىنىڭ گوللاندىيە تارمىقى شىركەت مەسئۇللىرى بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ: لىتۋانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، سىكانېرلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پولشادا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 281 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2021 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق