سائادەت پارتىيەسى ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

سائادەت پارتىيەسى ۋەكىلى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى
بۈگۈن (12-فېۋرال) تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ كونيا مىللەت ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇماننىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت سائادەت پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ھەيئىتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۈتۈۋالدى.
مەزكۇر زىيارەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سائادەت پارتىيەسى ھەيئىتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئارزۇ-تەلەپلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. شۇنداقلا سائادەت پارتىيەسىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى «مىللەت نۆۋىتىم» نامىدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق پائالىيىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن سائادەت پارتىيەسىنىڭ ياشلار تارمىقى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق تەلەپلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاخىرىدا سائادەت پارتىيەسى ۋەكىلى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات سۇنۇلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1108 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2021 22:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق