ئەنقەرەدىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتى توسۇپ قېلىندى

ئەنقەرەدىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتى توسۇپ قېلىندى
ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا داۋاملاشقىلى بىر نەچچە كۈن بولغان «ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيىتى تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن پائالىيەتكە قاتناشقان تۆت ياشنى تۈركىيە ساقچىلىرى ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قىلغان پائالىيىتىنىڭ مەقسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. ئەمما پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ياتاقلاردا قونۇپ قالغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن ياتاقتىن چىقىپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ماڭغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى ئىستانبۇلغا قايتىشقا بۇيرۇغان.
نەچچە كۈندىن بېرى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. نۆۋەتتە ئۇلار ئەنقەرە ۋالىيلىقى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن. ئىستانبۇلدىكى نامايىشچىلار بولسا بۈگۈنمۇ خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا يېقىن دېڭىز ساھىلى يېنىدا نارازىلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش جىنايىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مۇھىم پەيتتە قوزغىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، بۇ ھەرىكەتنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
مەنبە:
https://www.facebook.com/100024200321393/videos/887420045407998/
https://www.facebook.com/buerhan

بۇ خەۋەر 1116 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق