خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى «مىللەت نۆۋىتىمىز» پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت نۆۋىتىمىز» نامايىشىغا قاتنىشىپ، قىسقىچە بايانات ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىپ: «يېقىندىن بىرى ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرى لاگېرغا ياكى تۈرمىلەرگە تۇتۇپ كېتىلگەن بىر قىسىم ياشلار خىتايدىن ئائىلە ئەزالىرى ھەمدە تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ نامايىش قىلدى. بىز بۇ ياشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قارشى قىلغان نامايىشىنى قوللاپ كەلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارنىڭ خىتايدىن ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھوقۇقى بار. بۇ قارشىلىق نامايىشىنى خىتايدىن جاۋاب كەلگۈچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «بۇ ھەرىكەتنى بىز تەشكىللىمىدۇق. خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقىمىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پائالىيەتنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتايدىن ئاتا-ئاتا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىغانلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس. بۇ كۈرىشىمىز خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئۆلىمالارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خارلىقلارنىڭ سەۋەبى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەربىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى مەزگىللەردە ئىستانبۇلدىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، تاراتقۇلارنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا خادىملىرى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئارقىلىق ئارقىلىق نامايىشچىلارنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما 5000 پارچىدىن ئارتۇق ماتېرىيال تەييارلاپ كېلىنگەندە، كونسۇلخانا خادىملىرى سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، بۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدىكى نارازىلىق نامايىشى ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئالمۇتا قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1762 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق