نامايىشچىلار قانۇن چىقىرىش ئىدارىسىنى قورشىۋالدى

نامايىشچىلار قانۇن چىقىرىش ئىدارىسىنى قورشىۋالدى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قاچقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن خوڭكوڭ خەلقى قانۇن چىقىرىش ئىدارىسى ئەتراپىدىكى يوللارنى قورشىۋالغان.
خەۋەردە مىليوندىن ئارتۇق خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش ئىدارىسى ئەتراپىدىكى يوللارنى تاقاپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، قانۇن چىقىرىش ئىدارىسىدا قاچقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى قانۇننى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە قارا كىيىم كىيىپ، ماسكا تاقىۋالغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ ھەرخىل پولات توساقلارنى قولمۇ قول تۇتۇشۇپ يوللارنى توسۇۋالغانلىقى ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىنى قورشىۋالغانلىقى، بىر قىسىم زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىغانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 5567 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2019 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق