شىۋېتسىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
7- فېۋرال كەچ ۋاقتى شىۋېتسىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تور يىغىنىنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىن ئالدى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا ئىنقىلابىغا قاتناشقان تىرىك شاھىتلاردىن ئابدۇلىتىپ ھاجىم بىلەن ئادىل ھاجىم مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى ۋە ئىنقىلاب جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇلار سۆزىدە ئىنقىلاب باشلىنىشتىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى ئىنقىلاب يېتەكچىسى ئابدۇخېلىلنىڭ خەلقنى ھەق يولغا قايتىشقا دەۋەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ غۇلجىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ۋەھشىيلەشكەنلىكى، ئىنقىلاب يېتەكچىسى ئابدۇخېلىلنىڭ 1997-يىلى 4-فېۋرال چىقارغان قارارى بىلەن پىداكارلار غۇلجىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلىرىگە ۋېلىسىپىتلىك بېرىپ، خەلقنى خىتايغا قارشى نامايىشقا چاقىرغانلىقى، نامايىشنىڭ 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەخمەتجان كوچىسىدا باشلانغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ ئۆتتى.
تور يىغىنى سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلى 7-فېۋرال، يەنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا تۇتۇلغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت تاپشۇرغان. شىۋېتسىيەدە ھەر يىلى بۇ كۈندە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1480 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2021 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق