شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى كېلەچەك پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى

2-فېۋرال بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ۋە ئىيى پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

مەزكۇر ھەيئەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار (خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دوكتور ئەركىن ئەمەت، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن سالاھىدىن كاشىغەرىي ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرە ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

كېلەچەك پارتىيەسى زىيارىتىدە ھەيئەتنى پارتىيە رەئىسى ۋە تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى كۈتۈۋالدى. ھەيئەتتىكىلەر كۆرۈشۈشتە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى ۋە تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرىغا سۇنۇلدى.

بۇ خەۋەر 1269 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2021 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق