شەرقىي تۈركىستاندا ياشانغانلار ساناتورىيەگە يىغىۋېلىنماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشانغانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى ئاتالمىش «ياشانغانلار ساناتورىيەسى»گە يىغىۋېلىنغان تەخمىنەن 70 ياشتىن 90 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەممىسىگە ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەن. چىرايلىرىدىكى سولغۇنلۇق ۋە ئىلاجسىزلىق ئۇلارنىڭ قانچىلىك قىيىن كۈندە قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنە بىر سىندا بولسا 80-90 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر موماينىڭ خىتايچە خەت يېزىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ تۈرلۈك جازا لاگېرى تەسىس قىلغان بولۇپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرىغا، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرنى «پەرىشتىلەر ئۆيى» نامىدىكى بالىلار لاگېرىغا ۋە باققۇچىسىز قالغان ياشانغانلارنى «ياشانغانلار ساناتورىيەسى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى 265 كە بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ خەلققە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىز سىياسىتىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1226 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2021 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق