كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادانىڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكىل چۇڭ (Michael Chong) ۋە گارنېت گېنيۇس (Garnett Genuis) 24-يانۋار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا كانادا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، جۈملىدىن سىستېمىلىق نوپۇس كونترول قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق قىلمىشىلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىق» دەپ بېكىتكەنلىكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىق قىلمىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ ئەزالىرى، خىرىستىيانلار ۋە باشقا مىللەت ۋە دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ تىرۇدو ھۆكۈمىتىدىن بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بۇ ھەقتە ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىرىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كانادا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق قارارلارمۇ بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ مەسىلىدە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھۆكۈمەتنىڭ قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىلىدىغانلىقى تېخى كۆرسىتىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2021 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق