ھىندىستان بىلەن خىتاي 9-نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندانلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ھىندىستان ۋاقتى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ھەربىي توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ 24-يانۋار 9-نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككى ئايدىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن بۇ قېتىملىق سۆھبەت مولدودا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ساھىبخانلىق قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇش ئىكەن. يەنە بىر مەنبەدە: «ھازىرقى مەسىلە شۇكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روشەن كەمچىللىكى ۋە ئەۋزەللىكى يوق، شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ تۇنجى بولۇپ چېكىنىشكە قەدەم بېسىشنى خالىمايدۇ» دېيىلگەن.
يېڭى دېھلى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاي ئارمىيەسىنى لاداخنىڭ شەرقىدىكى بارلىق سۈركىلىش نۇقتىلىرىدىن تېزرەك چېكىنىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن توققۇز ئايدىكى ھەربىي توقۇنۇش ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، قاتمال ھالەتنى ھەل قىلالمىغاچقا، ھازىر تەخمىنەن 50 مىڭ ھىندىستان ئەسكىرى لاداخنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھىندىستان ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭمۇ ئوخشاش ساندىكى ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىمۇ خىتاينىڭ چېگرا رايونىدا يېڭى يېزا قۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھىندىستان جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2021 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق