تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 5277 (24-يانۋار)

24 -يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5277 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 148 مىڭ 425 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 5277 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 684 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 140كىشى قازا قىلىپ، 5860 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 307 مىڭ 721 گە، قازا قىلغانلار 25073 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1905 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2021 23:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق