تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 5856 (23-يانۋار)

23-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5856 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 152 مىڭ 758 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 5856 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 723 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 144 كىشى قازا قىلىپ، 5811 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 301 مىڭ 861 گە، قازا قىلغانلار 24933 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1962 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 22:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق