ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتايغا قارشى بىرلىككە كېلىشكە تىرىشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇلىۋان فىرانسىيە پىرېزىدېنتنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى ئېمېنۇئېل بون، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىي مەسلىھەتچىسى جان ھېكېر ۋە ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شىگېرۇ كىتامۇرا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلى ھورن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر سۆھبەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش نىيىتىنى ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مۇھىم نۇقتىلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە خىتاي ۋىرۇسى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق رايون ۋە دۇنياۋى خىرىسلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ئارزۇسىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇلىۋان ۋە شىگېرۇ كىتامۇرا ئارىسىدىكى تۇنجى تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

بۇ خەۋەر 962 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق