خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىغا چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىغا چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 13-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا «خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى» ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ قانۇن 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. «دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى» دېڭىز ساقچىلىرىغا يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل قوراللار بىلەن زورلۇق كۈچى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىلگەن. ئەگەر چەت ئەل پاراخوتى خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىپ، توختىتىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا ياكى دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلسا، ئاپتومات، پاراخوتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوراللار، ھەتتا ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان قوراللارنى ئىشلەتسە بولىدىكەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى 22-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنىغا بولغان ئەندىشىسىنى تەكىتلىگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە يەنە خىتايغا قارشى بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىگە نۆۋەتتىكى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنىڭ ئوباما دەۋرىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىكەن.
ياپونىيە كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يېڭى قانۇنغا ئاساسەن خىتاي ساقچىلىرى سىنكاكو دېڭىز تەۋەلىكىدە ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى تەكشۈرۈشى ياكى دېڭىز بىخەتەرلىك چارلاش كېمىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى سەۋەبلىك سىنكاكو ئارىلىدىكى تىركىشىشمۇ كەسكىن ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1232 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق