يۇقۇمنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىگە يېقىنلىشىشى سەۋەبلىك كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى جايلاشقان جۇڭنەنخەي ۋە نۇرغۇن مىنىستىرلىق جايلاشقان شىچېڭ رايونى ۋە دۇڭچېڭ رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۇقۇمغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ كوچىلىرىدا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى ساقلاۋاتقان ئۇزۇن ئۆچرەتلەر پەيدا بولغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىدە بەزى يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش پىلانى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تەكشۈرۈلىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دوڭچېڭ رايونىدا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماي ئۆچرەتتە تۇرغانلىقى، ئۆچىرەتنىڭ نەچچە كوچىغا سوزۇلغانلىقى، ھەممەيلەننىڭ ماسكا تاقىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان. بېيجىڭدىكى نۇرغۇن دۇكان، ئىشخانا بىنالىرى ۋە ئولتۇراق رايونلاردا كىرگۈچىلەرنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىچېڭ رايونىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى داشىڭ رايونىدا خىتاينىڭ مەلۇم مىنىستىرلىك گېزىتخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ۋىرۇس بايقالغان رايون شىچېڭ رايونىدىكى فۇشىڭمېن ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا خىتاي رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى بار ئىكەن.
خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى جۈمە كۈنى دوكلات بېرىپ، مەزكۇر رايوندا يېڭىدىن بايقالغان 103 بىمارنىڭ بارلىقىنى، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 144 كىشى ئازلىغانلىقىنى، ئەمما 100 دىن ئارتۇق بىمارنىڭ جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقىنى، 103 بىمار ئىچىدىكى 94 ىنىڭ يەرلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، بېيجىڭدا پەقەت ئۈچ بىمار بارلىقىنى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە 47 بىمار، شاڭخەيدە 6 بىمار بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جۈمە كۈنى تيەنجىنگە يېتىپ كەلگەن بارلىق دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ چوقۇم ۋىرۇس ساغلاملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بارلىق يولۇچىلارنىڭ ئۆيىدە 14 كۈن كارانتىن قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان. خېبېي ئۆلكىسىمۇ جۈمە كۈنى 18 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شىجياجۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئىستانسىسىدا پەقەت چۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. چاغان مەزگىلىدە ھەمىشە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ۋوگزال جۈمە ئەتىگەندە قۇرۇقدىلىپ قالغان.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق