پارلامېنت ئەزالىرى بايدېننى خىتاينىڭ يېڭى جازا قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنت بايدېننى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازاسىغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى يېڭى پىرېزىدېنت بايدېننى خىتاينىڭ ئەمدىلا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قارارىغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان بولۇپ، چاقىرىقتا: «جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىرلىشىپ، بىزنىڭ تەھدىت سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن يالتىيىپ قالمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك» دېيىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى مايكىل مىكولمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاي ئېلان قىلغان جازانى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، سىياسىي غەرىزىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايكىل مىكول يەنە: «مەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئاساسسىز جازانى دەرھال ئەيىبلىشىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋەدىسىنى ئورۇندىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.
بايدېن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئېمىلى ھورن ئامېرىكىدىكى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھالىتىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى پارتىيە ئىچىدە ئىختىلاپ قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ بىھۇدە ۋە كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 20-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن مايك پومپېيو، پوتىنگېر ۋە ناۋارو قاتارلىق تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 28 ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1471 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق