ئالما شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياللانما شىركەتلەرنى ئىشقا سالغان

دۆلەتلىك باھا تورىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتى ئامېرىكىنىڭ قانۇن چىقارغۇچىلىرىغا «خىزمەت ئىشلەپ»، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە، لوبىچىلىق شىركىتىگە 90 مىڭ دوللار سەرپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھازىر كېڭەش پالاتاسىدا قاراپ چىقىش باسقۇچىدا ئىكەن. مەزكۇر قانۇن بويىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى دەلىللىگەن شىركەتلەردىن باشقا ھەر قانداق شىركەتنىڭ ئىمپورت قىلغان ماللىرىنى تاموژنا خادىملىرى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەيدىكەن. مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغان ئالما، نايك، كوكاكولا ۋە باشقا بىر قانچە پارچە سېتىش شىركەتلىرى لوبىچىلىق شىركەتلىرىنى ياللاپ، مەزكۇر قانۇننىڭ تەستىقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار لوبىچىلار 11-ئايدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئىشلىتىلگەن كەسكىن سۆزلەرنى يۇمشاتماقچى بولغان.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قاچان بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن ساسې 12-ئايدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پارلامېنتنىڭ دىققەت-ئېتىبارى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پۈتۈنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈزلەنگەنلىكتىن، شىركەتلەر پارلامېنت بىناسىغا يۇقىرى مائاشلىق لوبىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان قانۇننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بۇ تىرىشچانلىقلار قانۇن چىقارغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق